خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلھامبەخش ھېكمىتى: باشقىلاردىن تېخىمۇ بالدۇر، تېخىمۇ بەك تىرىشقاندىلا، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىغىلى بولىدۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇنداق بىر قاراش تارقالغان: بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقى ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدا تىرىشقان-تىرىشمىغانلىقىغا باغلىق.
سىز كۈندە ئاخشىمى ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇسىڭىز، دەرس ئۆگەنسىڭىز، ئەھمىيەتلىك بەزى پائالىيەتلەرگە قاتناشسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. ناۋادا بۇ ئادىتىڭىزنى بىر نەچچە يىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىكىڭىز تەسكە توختىمايدۇ.
بۇ قاراش بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۈ: تىرىشىپ ئۆگەنگەندىلا مۆجىزە يارىتالايمىز ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز!
ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن: «كىشىلەرنىڭ پەرقى ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدا» دېگەنىدى. بۇ ناھايىتى ياخشى تەرىپلەش، چۈنكى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، تۆھپە-نەتىجىلىرىمۇ تەڭ دېگۈدەك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ. باشقىلار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئويناپ كۆڭۈل ئېچىپ يۈرگەندە، سىز مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنگە قەدەر چوقۇم ئۆگىنىشىڭىز، ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك.
ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھازىرقى ئۆگىنىشى ئېغىر بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار «تاما-تاما كۆل بولار» دېگەن ھېكمەتكە سەل قارايدۇ. بەزىلىرى بىراقلا مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولىدۇ، لېكىن ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلىش دېگەننى بىلمەيدۇ. بىر كۈنلەردە ئەتراپىدىكىلەر خېلى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندە، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايقايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تالانت جەھەتتە ئۇلار باشقىلاردىن كەم ئەمەس، ئىشنى باشقىلاردىن كېيىن باشلىغانمۇ ئەمەس، لېكىن ئاخىرىدا ئۆزى نېمىشقا باشقىلاردەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ؟
بەلكىم ئۇلار مۇشۇ چاغدا مەسىلىنىڭ نەدىلىكىنى چۈشىنىشى مۇمكىن، ئۇلارمۇ ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئىرادىگە ئىگە، بىراق مول نەتىجىنىلا ئويلايدۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىشقا سەرپ قىلمايدۇ. ئەتراپىمىزدا بۇنداق ياشلار-ئۆسمۈرلەر ناھايىتى كۆپ.
مەن خارۋارد ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ دەيدىغان مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى دائىم ئاڭلايمەن: «ناۋادا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئورۇندا كىشىلەر بىلەن بېلىق بىلەن سۇدەك بولۇپ كەتمەكچى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنى قايىل قىلماقچى بولسىڭىز، خارۋاردتىكى بوش ۋاقتىڭىزنى بىكار ئۆتكۈزىۋەتمەڭ!»
دەرۋەقە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغانلار ئىنتايىن تالانتلىقلار، لېكىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئادەمنىڭ ئەڭ تىرىشچان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
بۇ جەھەتتە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورلىرى ئوقۇغۇچىلىرىغا دائىم مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ:
1903-يىلى كول دېگەن بىر ئالىم نيۇيورك ماتېماتىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئۇ ماتېماتىكىدىكى ئەڭ تەس بىر مەسىلىنى يەشكەنىدى.
كىشىلەر ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەرىپلىشىۋاتقاندا، بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: «ئەپەندىم، سىز ئۆمرۈمدە كۆرگەن ئەڭ ئەقىللىق ئادەم!» دەيدۇ.
ئۇ ئادەمنىڭ ماختىغانلىقىغا كول كۈلۈمسىرىگىنىچە جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئەقىللىق ئەمەس، بىراق شۇ ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا تىرىشچانمەن».
ئۇ ئادەم كولنىڭ جاۋابىدىن بەكلا قايمۇقۇپ قالىدۇ. كول ئۇنىڭدىن: «مېنىڭ بۇ چىگىش مەسىلىنى يېشىشكە قانچىلىك ۋاقتىم كەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟» دەپ سورايدۇ.
«بىر ھەپتە كەتكەندۇ؟» دەيدۇ ھېلىقى ئادەم. كول كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى چايقايدۇ. كولنىڭ جاۋابىدىن ھەيران بولغان ھېلىقى ئادەم: «ۋاي خۇدايىم! بىر يىل كەتمىگەندۇ؟» دەيدۇ.
كول: «ئەپەندىم، خاتالاشتىڭىز، بىر يىل ئەمەس، ئۈچ يىل ئىچىدىكى ھەممە يەكشەنبە كۈنۈم كەتتى» دەيدۇ. كولنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغان كىشىلەر جىممىدە بولۇپ قېلىشىدۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسورلارنىڭ بۇ ئىشنى بىزگە دەپ بېرىشتىكى مەقسىتى، بىزگە ئىجتىھات بىلەن تىرىشىش ۋە ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر دوكتور ئوقۇغۇچى ئادەتتە ئۈچ كۈندە بىر قېلىن كىتابنى ئوقۇپ بولىدۇ، يەنە نەچچە ئون مىڭ خەتلىك كىتاب ئوقۇش دوكلاتى يازىدۇ.
ۋاقتىڭىز يار بەرسە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى سەيلە قىلىپ بېقىڭ، سەھەر سائەت تۆتتە كۇتۇپخانىدىكى چىراغلارنىڭ يوپيورۇق تۇرغانلىقىنى، بىرمۇ ئورۇننىڭ بوش ئەمەسلىكىنى كۆرىسىز.
ئوقۇغۇچىلار خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاشخانىسىدا مەززىلىك تاماقلارنى يېگەچ يا كىتاب كۆرىدۇ، يا خاتىرە يازىدۇ. خارۋاردنىڭ دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرسىتىشنى ساقلاپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزمەيدۇ، ئۇلارمۇ ئىخلاس بىلەن كىتاب كۆرىدۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەممىلا يېرىنى كۆچمە كۇتۇپخانا دېسەكمۇ بولىدۇ، مۇشۇنداق ئۆگىنىش كەيپىياتى ئىچىدە سەككىز ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، 40 نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ۋۇجۇدقا چىقىشتەك مۆجىزە بارلىققا كەلگەن.
شۇڭا مەن ياش-ئۆسمۈرلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز، ھارماي-تالماي تىرىشىڭ، «تىرىشچان تاغ ئاشار، تاشقا مىخ قاقار» دېگەن ھېكمەتكە ئىشىنىڭ. ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتقانلار ئىجتىھات بىلەن ئۆگەنگەنلەردۇر.
خارۋاردلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى سىرى
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پىروفېسسورى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە مۇنداق دېگەنلىكى ھېلىھەم ئېسىمدە: «ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپتە بولىدىغان ۋاقتى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، دەرستىن سىرتقى ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۈستۈرۈش، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىدىكى نەتىجە پەرقىدىكى مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، كەلگۈسىدە كۆڭلىڭىزدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇماقچى، رازى بولغۇدەك خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم.»
دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆگىنىپ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە قارىغۇلارچە ئىش قىلماستىن، مەلۇم ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ كاللىسى ئەتىگىنى ۋە كەچتە سەگەك، ئەستە ساقلىشى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتلاردا ئەستە ساقلاش خاراكتېردىكى مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق. ئالايلۇق، تېكىست ۋە سۆزلۈكلەرنى يادلاش دېگەنگە ئوخشاش.
كەيپىياتىڭىز ياخشى، تەپەككۇرىڭىز جانلانغان ۋاقىتلاردا چۈشىنىش تۈرىدىكى مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئالايلۇق، ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر دېگەنگە ئوخشاش.
دىققىتىڭىز يىغىلغاندا سەل زېرىكىشلىك ۋە ئانچە ياقتۇرمايدىغان دەرسلەرنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ؛ دىققىتىڭىز نىسپىي چىچىلغان ئەھۋالدا، ئاددىي ۋە ئاسان، ئۆزىڭىز نىسبەتەن ياخشى كۆرىدىغان دەرسلەرنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەن بىرلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان پەنلەرنى ئەڭ ياخشىسى بىللە ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىنىقى:
سىز تىرىشچان، ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئادەممۇ؟
پىسخىكىلىك سىناق: ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى، قولىغا ئەدەبىيات كىتابى ئېلىۋالغان بىر ئوقۇغۇچى باغچىدىكى تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. بىر چاغدا ئۇ قولىدىكى كىتابنى ئۇشتۇمتۇت تاشلاپ قويدى. سىزنىڭچە، ئۇ نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟
1. يامغۇر ياغىدىغان بولغاچقا، ئۇ يامغۇردا قالماسلىق ئۈچۈن ئۆيىگە كەتمەكچى بولدى.
2. ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كەلدى، كىتابنى بېشىغا قويۇپ، تاش ئورۇندۇقتا ئۇخلىماقچى بولدى.
3. پىلانى بويىچە ئەدەبىيات كىتابىنى ئوقۇپ بولدى، ئەمدى باشقا دەرس ئۆگەنمەكچى.
جاۋابلارنىڭ تەھلىلى:
بىرىنچىنى تاللىغانلار: ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈكلەر بولۇپ، كىتاب ياكى چېچىنىڭ يامغۇردا ھۆل بولۇپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، خەتەرلىك پەيتتە تۇرۇۋاتقاندا، ھەسسىلەپ تىرىشىپ، يۇقىرى ئۆرلەيدۇ.
ئىككىنچىنى تاللىغانلار: ئىنتايىن ئۈمىدۋارلار بولۇپ، كەيپىياتى تۆۋەن چاغلاردا، مۇھىتنى ئۆزگەرتىش ياكى ھەرىكەت قىلىش، دەم ئېلىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. بىراق ئىنتىلىشچانلىقى ۋە تىرىشچانلىقى ئادەتتىكىدەك.
ئۈچىنچىنى تاللىغانلار: ئىنتىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرلەشنى ئويلايدۇ. بۇنداقلار توختاپ قېلىش باسقۇچىغا چۈشۈپ قالغاندا، ئوقۇتقۇچى ۋە پېشقەدەملەرنىڭ پەند-نەسىھىتى ياكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمھالى ئارقىلىق ئۈزۈكسىز ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ قۇۋۋەتكە ئىگە بولىدۇ.
مەنبە: «سەھەر سائەت تۆت يېرىمدىكى خارۋارد» ناملىق كىتاب