ئەرەب تىلى ھەققىدە چۈشەنچە

ئەرەب تىلى ياكى ئەرەبچە (اللغة العربية، el-luġatu l-‘arabiyye ياكى عربي ‘arabī) بولسا ئافرو-ئاسيا تىل سېستىمىسى سامىي تىل ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىم تىللارنىڭ بىرى. دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم، ئەرەبچە يېزىلغان. بۇگۈن 60 دۆلەتتە قوللىنىلۋاتقان ئەرەبچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كىشى قوللىنىدىغان تىللارنىڭ بەشىنچىسى ۋە شۇنداقلا ب د ت دا قوبۇل قىلىنغان 6 رەسمىي تىلنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئەرەب تىلى دۇنيادىكى بىر مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ دىنى تىلى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ تىلى، ھازىر دۇنيادا 250 مىلىوندىن ئارتۇق ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەر ئومومىيۈزلۈك قوللىنىدۇ.

ئۆلچەملىك ئەرەبچە دەپ قوبۇل قىلىنغان بۇ تىل (العربية الفصحى) ئەرەبىيەتۇل فۇسھا دەپ تەرىفلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل ئەرەب ئەللىرىنىڭ رەسمىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، ئىران ۋە تۈركىيەدە بولسا ئاز سانلىق ئەرەب مىللەتلىرى قوللىنىدىغان تىللار، ئەرەبچىنىڭ شىۋىلىرى ( لەھجىلىرى ) ھېسابلىنىدۇ. ئۆلچەملىك ئەرەبچە ھەرقانداق بىر ئەلدە ئۇمۇم خەلق تىلى شەكلىدە قوللىنىلمايدۇ. شۇنداقلا رەسمىي تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغان ھەر ئەرەب ئۆلچەملىك ئەرەبچىنى چۈشىنىدۇ ۋە سۆزلىيەلەيدۇ. ئۆلچەملىك ئەرەبچە دەپ قوبۇل قىلىنغان تىل قۇرئان كەرىمنىڭ تىلىدۇر. قۇرئان ئەرەبچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب تىلى ئىسلام دىنىدا ئالاھىيدە بىر ئورۇنغا ئىگە.

ئەرەبچە، تۆۋەندىكى ئەللەردە بىردىنبىر رەسمىي تىل ياكى رەسمىي تىللاردىن بىرىسىدۇر:

بەھرەيىن
ئەرەب بىرلەشمە خەلىفىلىكى
ئالجىرىيە
جىبۇتى
چاد
ئېفىئوپىيە
ماراكەش
پەلەستىن
ئىراق
ئىسرائىلىيە
قاتار
كۇۋەيت
لىۋىيە
لىۋان
مىسىر
ماۋرىتانىيە
سەھرايى كەبىر دېموكراتىك ئەرەب جۇمھۇرىيىتى
سەئۇدىي ئەرەبىستان
سومالى
سۇدان
سۇرىيە
تۇنىس
ئۇممان
ئىئوردانىيە
يەمەن

بۇلاردىن باشقا ئاڧغانىستان، تۈركىيە، ئىران، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ياشىغۇچى ئەرەبلەرمۇ بۇ تىلدا سۆزلىشىدۇ.

ئەرەب ئېلىپبەسى
ﺍ ب ت ث ج ح خ د ذ ر ز س ش ص ض ط ظ ع غ ف ق ك ل م ن هـ و ء ي

ئەرەب ئېلىپبەسى 28 ھەرپتىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ ھەرپلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق شەكىللەر 17 دۇر. ئەرەب ئېلىپبەسى ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. ھەرپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۈزۈك تاۋۇشلاردۇر. ھەرپلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى شەكىللەندۈرگەن؛ پەقەت دىنىي مەتىنلەر ۋە شىئېرلەر تېشىدا كۆپ قوللىنىلمايدىغان ھەرەكە دېيىلىدىغان ئىشارەتلەر بار. ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ يېزىلىشى، سۆزنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسدا ۋە ئاخىرىدا كېلىشىگە قاراپ قىسمەن ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە.

ئەرەب ئەرەب ئېلىپبەسى تارىختا ۋە كۈنىمىزدە پەقەتلا ئەرەبلەرگىلا خاس ئېلىپبە  بولمىغان، بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلىشى بىلەن تۈركلەر، ئىزانلىقلار، پاكىستانلىقلارغا ئوخشاش ئاسيادىكى باشقا غەربىي ئەرەب قەۋىملەر تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلغان. كۈنىمىزدە ئەرەب ئەللىرىدىن باشقا ئىران، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرتەرىپىدىن قوللىنىلماقتا. لېكىن، ئەرەب تىلىدىن باشقا تىللاردا قوللىنىشتا ئوخشىمىغان تاۋۇشلار ئۈچۈن، ئېلىپبەنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى ئۈستىدىن ئانچە مۇنچە ئۆزگەرتىشلەر قىلىنغان. مەسلەن: فارسچە ۋە تۈركىي تىللاردىكى چ تاۋۇشى ئەرەب ئېلىپبەسىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىقلار ۋە تۈركلەر، ج (جىم) ھەرىپىنىڭ چىككىت سانىنى ئۈچكە ئۆزگەرتىپ چ (چىم) قىلىپ ئۆز ئېلىپبەلىرىگە قوشقان.

ئەرەب ئېلىپبەسى، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى زېمىنلىرىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن، لاتىن ئېلىپبەسىدىن قالسىلا دۇنيادا يېزىق تىلى سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان يېزىق سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار 1950- يىللاردىن ئېتىبارەن كرېل، لاتىن ئېلىپبەلىرىگە قىسمەن كۆچكەن. 1960- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە يېڭى يېزىق نامىدا لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچكەن. ئەرەب ئېلىپبەسى مىلادىدىن كېيىنكى 2-4. ئەسرلەر ئارىسىدا نەباتى يېزىقىدىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى يازما ئۆرنەكلىرى م.ك 6. ئەسرگە (زەبەد 512، ھارران 568) تاقىلىدۇ. ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ئەرەب ئېلىپبەسى 28 ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ 22 سى سامى ئېلىپبەسىدىن ئۆتۈشتە شەكىل ئۆزگەرتكەن تاۋۇشلار بولۇپ قالغان ئالتە تاۋۇش ئەرەبچىگە خاستۇر.

مەنبە: ۋېكىپىدىيا ( قىسمەن ئورۇنلىرى ئۆزگەرتىلدى )