تايبە مائارىپى ھەققىدە

تايبە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئاساس بىلىملىرى تور مائارىپى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئاساس بىلىملىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆزلىگىدىن ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئاساس بىلىملىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بار، ئەمما ۋاقىت ۋە ئورۇن شارائىتى تۈپەيلى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېگە بولالمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، تور يۈزىدە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئاساس بىلىملىرىنى ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاش مەقسىتىدە، 2016 – يىلى تەييارلىق خىزمىتنى باشلىغان بولۇپ، 2018 – يىلى پىلانىمىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان ئەرەب تىلى دەرسلىكلىرىدىن :

ئەرەب تىلى دەرسلىكلىرى
ئەرەب تىلى مورفولوگىيە ئىلمى
ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى
ئەرەب تىلى ئىستىلىستىكا ئىلمى
ئەرەب تىلى ئەدەبي تەرجىمە دەرسلىكلىرى
قاتارلىق دەرسلىكلەردىن بىر يۈرۈش دەرسلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك سىنغا ئېلىنىپ تورغا يوللاندى.

ئوقۇش تۈزىمى:
دەرسلىكلەر ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئاساس بىلىملىرى دەپ ئىككى باسقۇچقا ئايرىلغان بولۇپ ئەرەب تىلى باسقۇچى نۆل سەۋىيىدىن باشلانغان بولۇپ، تۆت مەۋسۈمگە ئايرىلغان، ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىل، تەتىل ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى مەكتەپ ۋاقتى بىلەن بىردەك بولىدۇ. ئوقۇش كۈنلىرى ھەپتىدە بەش كۈن ( دۈشەنبىدىن – جۈمەگىچە ) كۈنلۈك دەرس ئىستانبول ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 6:00 دە تارقىتىلىدۇ. ئوغۇل قىزلار ئۈچۈن ئايرىم توپ قورۇلۇپ، ھەرۋاقىت ئوقۇغۇچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار كۈنلۈك تاپشۇرۇقىنى ئۇستازغا Whatisapp ئارقىلىق ئايرىم يوللايدۇ، ھەپتىدە بىر قېتىم ھەپتىلىك دەرسلەردىن تور يۈزىدە تاللاش شەكىلىدە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.

ئىسلام بىلىملىرى باسقۇچى: ئىسلام بىلىملىرى دەرسلىك پىروگىرامملىرى تەييارلىنىۋاتىدۇ.....

ئوقۇغۇچى ئوبىيكىتلىرى:
ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئەرەب تىلى ۋە دىنىي ئىلىم ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قالغان ئوقۇغۇچىلار.
ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئاساس بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەشنى ئويلاۋاتقان ئىلاھىيەت كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار.
ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئاساس بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارزۇسىدىكى كىشىلەر.

نىشانىمىز:
سىستىمىلاشقان ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئاساس بىلىملىرى تور مائارىپى بارلىققا كەلتۈرۈش.

ئادرېسلىرىمىز:
تور ئادرېسىمىز:www.taybaedu.com
ۋاتىس ئەپ: WhatsApp: 00905375681583
ئېلخەت ئادرېسىمىز: taybaedu201610@gmail.com
تېلېگىرام ئادرېسىمىز:https://t.me/taybaedu
فېسبوك ئادرېسىمىز: https://www.facebook.com/taybaedu
تىۋىتىېر ئادرېسىمىز: https://twitter.com/taybaedu201610

تايبە مائارىپى تونۇشتۇرۇش فىلىمى

 

 

فيلم تعريفي عن مشروع طيبة للتعليم